ئۆمەر چەلىك: «بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتىغا جاۋاب قايتۇردى.

2130252
ئۆمەر چەلىك: «بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتزنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

ئۆمەر چەلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىزنى نىشان قىلغان ھەددىنى بىلمەس باياناتى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ بالىلار قاتىللىرى ھەر تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق تەشەببۇسلىرىغا دۈشمەنلىك قىلماقتا. شۇڭلاشقا جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق ئۈچۈن رەھبەرلىك قىلغان سىياسىتى بۇ قىرغىنچىلىق شايكىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇلار نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەت ۋىجدانى ئالدىدا جىنايەتچى ۋە ھامان بىر كۈنى قانۇن ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھاماس سىياسىي بىيرۇسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىيەنىڭ رەسىمىنى X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھىرلەپ، ھاقارەت ۋە تۆھمەتلەرگە تولغان ئېنىقلىمىلارنى يازغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر