ئەردوغان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (20- ئاپرېل) ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۇكرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

2130222
ئەردوغان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ۋەزىيەت شۇنداقلا خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، جىددىيچىلىك ۋە توقۇنۇشنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋىپى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۈتكۈل رايوننىڭ توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە-ئىران جىددىيچىلىكىنى ئازايتىشنىڭ موھىملىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەڭگۈلۈك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ ھاياتىي دەرىجىدە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى زۇلۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن جىددىي مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە توسالغۇسىز يەتكۈزۈلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر