تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن 3 مىڭ 774 توننا ياردەم بويۇملىرى مىسىردىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيەدىن غەززەگە ئەۋەتىلگەن «9 - ياخشىلىق پاراخوتى» دىكى 3 مىڭ 774 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرىنىڭ بىرىنچى قىسمى قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى مىسىردىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى.

2130234
تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن 3 مىڭ 774 توننا ياردەم بويۇملىرى مىسىردىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى باشچىلىقىدا تەمىنلەنگەن يېمەكلىك، بوۋاقلار بۇيۇملىرى ۋە ئۇخلاش خالتىسى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقىگە ۋاقتىدا يۈتكۈزۈش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا.

مەرسىندە قاچىلانغان ياردەم بويۇملىرىنى ئېلىپ يولغا چىققاندىن كېيىن، تۈنۈگۈن غەززەگە يېقىن ئەل-ئارىش پورتىدا لەڭگەر تاشلىغان «9 - ياخشىلىق پاراخوتى» دا يۈك چۈشۈرۈش تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى.

پاراخوتتىن يۈك ئاپتوموبىللىرىغا 227 مىڭ 63 يېمەكلىك ئورالمىسى، 869 توننا ئۇن، 14 مىڭ 700 بوۋاق زاكىسى، 2000 ئۇخلاش خالتىسى ۋە 400 توننا ھەر خىل بويۇملار قاچىلاندى.

يۈكلەش خىزمىتى تاماملانغان دەسلەپكى يۈك ئاپتوموبىل ئەترىتى رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ياردەم بويۇملىرى تاموژنا رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن غەززەدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن پەلەستىن قىزىل ئاي جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر