ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى.

2130114
ئەردوغان رومىنىيە پرېزىدېنتى كىلائۇس يوھاننىس بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رومىنىيە پىرېزىدېنتى كىلائۇسنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايون ۋە يەرشارىۋى مەسىلىلەر توغرىىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى مېخانىزمى ئورنىتىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يوھاننىسنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپ نامزاتلىقى كۈنتەرتىپكە كەلگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتوغا تېررورىزمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك دوئېل ئېلان قىلىشلارغا قارشى ناتو دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان، ناتونىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىدىغان، ھەمكارلىق روھىنى قوغداپ مۇستەھكەملەيدىغان، ناتونىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كېڭەشلەردىكى ئاساسلىق رولىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بىر باش كاتىپنىڭ سايلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر