تۈركىيەنىڭ توققۇزىنچى ياردەم پاراخوتى ئەلئەرش پورتىغا يېتىپ باردى

تۈركىيەدىن غەززەگە يولغا سېلىنغان «9-ياخشىلىق پاراخوتى»دىكى 3774 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشياسى مىسىرنىڭ ئەلئەرىش پورتىغا چۈشۈرۈلۈشكە باشلاندى.

2130105
تۈركىيەنىڭ توققۇزىنچى ياردەم پاراخوتى ئەلئەرش پورتىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى باشچىلىقىدا توپلانغان يېمەكلىك، بوۋاق لازىمەتلىكلىرى ۋە ئۇخلاش خالتىسى قاتارلىق جىددىي ئېھتىياجلىق لازىمەتلىكلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەرسىندىن قاچىلانغان ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يولغا چىققاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ غەززەگە يېقىن يېرىگە جايلاشقان ئەلئەرش پورتىغا لەڭگەر تاشلىغان «9-ياخشىلىق پاراخوتى»نى بوشىتىش تەييارلىقلىرى تاماملاندى.

پاراخوتقا يېقىنلاشقان كىران 227 مىڭ 63 دانە يېمەكلىك بولىقى، 869 توننا ئۇن، 14 مىڭ 700 دانە بوۋاق زاكىسى، 2 مىڭ ئۇخلاش خالتىسى ۋە 400 توننا ئېغىرلىقىدىكى باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى پورتقا چۈشۈرۈشكە باشلىدى.

چۈشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۈك ماشىنىلىرىغا بېسىلىپ رەفاھ چېگرا ئېغىزىغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ياردەم بۇيۇملىرى، تاموژنا رەسمىيەتلىرىدىن كېيىن غەززەدىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر