بايراقتار ت ب 3 ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىنماقتا

بايقار شىركىتى تەرىپىدىن مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ياساپ چىقىلغان «بايراقتار ت ب 3» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سىناق ئۇچۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

2130190
بايراقتار ت ب 3 ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايقار شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ھەر ئىككى مودېلى سىناق قىلىنغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇچۇش ۋاقتىنىڭ 272 سائەت 47 مىنۇتقا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇرىيەتنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 2023-يىلى 27-ئۆكتەبىر تۇنجى ئۇچۇش سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان «بايراقتار ت ب 3» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھەر ئىككى مودېلى تەكىرداغنىڭ چورلۇ ناھىيەسىدىكى ئاقىنجى ئۇچۇش مەشىقى ۋە سىناق مەركىزىدە سىناق ئۇچۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

Bayraktar TB3 PT-1 ۋە PT-2 ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرا ئېگىزلىكتە قىلىنغان سىستېما ۋە چىدامچانلىق ئىقتىدارى سىناقلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

«بايراقتار ت ب 3» ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان سىناق ئۇچۇشلاردا جەمئىي 272 سائەت 47 مىنۇت ئالەم بوشلۇقىدا تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر