ئەردوغان ئىران-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نە ئىراننىڭ نە ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر ھەيران قالارلىق ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

2129944
ئەردوغان ئىران-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە تەرەپتە ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمايۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ھەر ئىككى تەرەپتە ھەيران قالارلىق ھېچقانداق باياناتمۇ يوق. ئىراننىڭ باياناتلىرىنى توغرا دېگىلى بولمايدۇ، دەرۋەقە ئىسرائىلىيەنىڭ باياناتلىرى توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. (ئىسرائىلىيە تەرەپ ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشى ئۈچۈن) ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىۋاتىدۇ.»

ئىران تاراتقۇلىرى ئىران ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى جايلاشقان ئىسپاھان ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا پارتلاش ئاڭلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پايتەخت تېھران، ئىسپاھان، شىراز ۋە ئىراننىڭ بەزى جايلىرىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران تېررىتورىيەسىگە ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر