سەمىھ شۇكرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە غەززەگە ئالاقىدار قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا

2129927
سەمىھ شۇكرى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۈكرى ئەتە تۈركىيەلىك مەنسەپدىشى خاقان فىداننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كېلىدۇ. ئىككى مىنىستىر ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈپ، غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر، شۇنداقلا تۈركىيە-مىسىر مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ.

ئىككى مىنىستىر ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر