ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەل سانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2128084
ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھاماد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان-ئەل سانى سۆھبىتىدە، تۈركىيە - قاتار مۇناسىۋەتلىرى، خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىنى توختىتىش ۋە سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەتلىرىنىڭ جازالىنىشى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغان رايوندا جىددىيچىلىكنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنى تېزدىن چەكلەش ۋە سالماقلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن.

سۆھبەتتە يەنە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى ئەل سانى بىر-بىرلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر