ئەردوغان ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن تېلېفونلاشتى.
2126844
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيە-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى، تىنچلىق ۋە پەلەستىننى قوللاش تىرىشچانلىقىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەردوغان بىلەن ئەنۋەر ئىبراھىم بىر-بىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.