ئەردوغان: ئەركىن پەلەستىن قۇرۇلغىچە داۋاملىق قوللايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ غەززەگە 45 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

2126257
ئەردوغان: ئەركىن پەلەستىن قۇرۇلغىچە داۋاملىق قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ  تارقاتقان سىنلىق ئۇچۇرىدا: «بىز قىيىن پەيتتە پەلەستىن خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلدۇق» دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ قىيىن پەيتلەردە بۈگۈنگىچە رايونغا ئەۋەتكەن 45 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمىز بىلەن، پەلەستىن خەلقى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ  قوللىشىمىزنى كېڭەيتىمىز. بىز غەززەدە ئېقىۋاتقان قان توختىغىچە ۋە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز 1967-يىلدىكى چېگرانى ئاساس قىلىپ، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان ئەركىن پەلەستىن دۆلىتىنى قورغىچە ياردەملىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «پ ك ك دىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغىچە ۋە دائېشتىن ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى، خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىگە قەست قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى نەپەس ئالدۇرمايمىز. تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىستراتېگىيەمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر