ئەردوغان: تۈركىيە ۋە رايوننىڭ كەلگۈسىدە تېررورنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھەممىگە كۆرسىتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ تۈركىيە ۋە رايوننىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇقنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھەممىگە كۆرسىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېدى.

2124550
ئەردوغان: تۈركىيە ۋە رايوننىڭ كەلگۈسىدە تېررورنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھەممىگە كۆرسىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ساقچى، ژاندارما ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئەزالىرىغا بېرىلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان تېررورىزمنىڭ سىياسەت ھالقىغان مەسىلە دەپ قارىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «پ ك ك سىدىن فەتۆسىغىچە، دائېشىدىن DHKP / C سىغىچە بولغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ دۈشمىنى. ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز تېررورلۇققا قارشى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلدۇق، قىلىۋاتىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدا تېررورلۇقنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوقىلىش باسقۇچىغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق دائېش ۋە پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى چېگرالىرىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق. بۇ ئىجابىي قەدەملىرىمىزنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ تۈركىيە ۋە رايوننىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇقنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھەممىگە كۆرسىتىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر