ئەردوغان: سايلامدا دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىرادە غەلىبە قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 31-مارت ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلام نەتىجىلىرى توغرىسىدا توختلىپ: «بۇ سايلامدا دېموكراتىيە غەلىبە قىلدى، مىللىي ئىرادە غەلىبە قىلدى» دېدى.

2122960
ئەردوغان: سايلامدا دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىرادە غەلىبە قىلدى
Əminə və Rəcəb Tayyib Ərdoğan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىنىڭ بالكونىدىن پۇقرالارغا خىتاب قىلدى.

ئۇ: «پۇقرالارنىڭ سالماق بولۇشى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى نەتىجىسىدە، تۈركىيە دېموكراتىيەسى ئۆزىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بىلگىنىمىزدەك، سايلام دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ ھالقىلىق كۈنلىرى ھېسابلىنىدۇ. مىللەتنىڭ ئىرادىسى سايلام ساندۇقىدا نامايان بولىدۇ، خەلق سايلام ساندۇقى ئارقىلىق ئاۋازىنى بىلدۈرىدۇ، خەلق سايلام ساندۇقى ئارقىلىق سىياسىيونغا ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ، خەلق سايلام ساندۇقى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تۈركىيە خەلقى 31-مارت يەرلىك سايلىمىدىمۇ سايلام ساندۇقى ۋەسىلىسى بىلەن سىياسەتچىلەرگە ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزدى. بۇ سايلامنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى ئالدى بىلەن بىزنىڭ دېموكراتىيەمىز، مىللىي ئىرادىمىز ۋە سىياسىي كۆز قارىشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر 85 مىليون پۇقرامىز» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«گەرچە سايلام نەتىجىلىرى جەزملەشمىگەن بولسىمۇ، نەتىجىلەر بىزگە (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى) مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۇقىرى ئورنىمىزنى يوقىتىپ قويۇشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. بىز مەغلۇب بولغان ياكى ئارقىدا قالغان ھەممە يەردە، سەۋەبلىرىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئالىمىز. سايلام نەتىجىلىرى دۆلىتىمىزگە، خەلقىمىزگە، شەھەرلىرىمىزگە، مەھەللەلىرىمىزگە ۋە يېزىلىرىمىزغا خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر