ئالتۇن: پەلەستىن تارىخىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، «تارىخ بويىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئادالەت ۋە تىنچلىقنى قوغداپ كەلگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىمىز» دېدى.

2122408
ئالتۇن: پەلەستىن تارىخىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى گالاتاپورت پوسۇلكا پوچتىخانىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئەسىرلىك ئامانەت: قىزىلئاي ئەسىر مەكتۇپلىرى كۆرگەزمىسى»نى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ: «كۆرگەزمىمىزدە (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە) پەلەستىن فىرونتىدا  ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلىرىمىزنىڭ مەكتۇپلىرى ۋە سۈرەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتۇق. بۇ رەسىملەر ۋە سۈرەتلەرنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىدىغىنى، پەلەستىننىڭ تارىخىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدۇر. تارىخ بويىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئادالەت ۋە تىنچلىقنى قوغداپ كەلگەن بىر خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۈگۈنمۇ پەلەستىن بىزنىڭ بىر پارچىمىزدۇر، پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىمىز، ئارقىسىدا تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايمىز» دېدى.

كۆرگەزمىنى ئۆزلىرىنىڭ ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن قىممەتلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالتۇن، 25 مىڭ پارچە ئەسىر مەكتۇپىنى 100 يىل بويىچە ساقلاپ كەلگەن تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىگە ۋە پائالىيەتكە توھپە قوشقان ت ر ت غا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر