ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ قەيسەرى يىغىلىشىدا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ قەيسەرى چوڭ يىغىلىشىدا ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلدى.

2118501
ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ قەيسەرى يىغىلىشىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 21 يىلدا تۈركىيە ئىقتىسادىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرغانلىقلىرىنى، ئۇنى يەنە ئىككى ھەسسە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قاتارىدىكى لايىق ئورۇنغا ئىگە قىلىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سۆزلىرىنى خەلقنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىگەن ھالدا باشلاپ: «مەن جۇغراپىيەمىزدىكى نورۇزنىڭ شاتلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە بولغان كەڭ رايوندا يېڭى ئۈمىدلەر بىلەن تەبرىكلەنگەن نورۇزنىڭ ياخشىلىقلارغا ۋاسىتە بولۇشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئەردوغان تۈركىيە ئىقتىسادى توغرىسىدا توختىلىپ: «21 يىلدا تۈركىيە ئىقتىسادىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ئەمدىكى نىشانىمىز، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دۆلىتىمىزنى يەنە ئىككى ھەسسە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى قاتارىدىكى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە قىلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر