ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى «پ ك ك قانۇنسىز تەشكىلات» دەپ قارار چىقاردى

تۈركىيە ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىراقتا قانۇنسىز تەشكىلات» دېگەن قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

2115760
ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى «پ ك ك قانۇنسىز تەشكىلات» دەپ قارار چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئىراق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن باشچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ ھەيئىتى، پايتەخت باغدادتا بىر يەرگە جەم بولدى.

«تۈركىيە-ئىراق خەۋپسىزلىك مېخانىزمى مۇزاكىرەسى» دىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق خىتابنامەدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىراق زىيارىتىنىڭ تەييارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامەدە، ئىراقنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيە ۋە ئىراق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقى؛ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىراق زېمىنىدا مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئىراق ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىتابنامەدە، تۈركىيەنىڭ ئىراق دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئىراقتا «قانۇنسىز تەشكىلات»دەپ قارار چىقىرىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ ئىراق زېمىنىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تەشكىلات ۋە قۇيرۇقچىلىرىغا قارشى ئېلىنىشى كېرەك بولغان زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر