مىنىستىر ماھىنۇر گۆكتاش ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ب د ت يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە غەززەدە 31 مىڭدىن ئارتۇق بىگۇناھ ئادەمنى قىرغىن قىلغان ئىسرائىلىيەگە بارلىق سەھنىلەردە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2114175
مىنىستىر ماھىنۇر گۆكتاش ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ب د ت يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر مىنىستىرى ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يىغىن زالىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاياللار سالاھىيىتى كومىتېتى» يىغىنىدا سۆز قىلىش نۆۋىتى ئىسرائىلىيەگە كەلگەندە، مىنىستىر ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش ۋە تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتتى.

مىنىستىر گۆكتاش ۋە تۈركىيە ۋەكىللىرى ئىسرائىلىيە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە ئاياللار تەرەققىياتى مىنىستىرى ماي گولاننىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن زالىغا قايتىپ كەلدى.

يىغىندا تۈركىيەنىڭ غەززە خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن مىنىستىر ماھىنۇر ئۆزدەمىر گۆكتاش، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، تۈپ سەۋەبلەرگە، بولۇپمۇ نامراتلىق ۋە تۈزۈم ئاجىزلىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

گۆكتاش يەنە: «باراۋەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى نەتىجىسىدە داۋاملىشىۋاتقان، ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانكىرىزىسنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر