ئونجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈزىگە ئۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئونجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

2113201
ئونجۈ كەچەلى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈزىگە ئۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئونجۈ كەچەلى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تىكى يازمىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۈن تەرتىپنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئۈستىنى يېپىپ قالالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئونجۈ كەچەلى: «ئادىمىيلىك ۋىجدانى ۋە خەلقئارا قانۇن ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يىسرائىل كاتز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قارىتا تۆھمەتلەردە بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر