ئەلى يەرلىكايا: «يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە 128 تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق»

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا 2023-يىلى 1- ئىيۇندىن 2024-يىلى 29- فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا 782 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2113221
ئەلى يەرلىكايا: «يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە 128 تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يەرلىكايا تۈنۈگۈن تېكىرداغنىڭ چورلۇ ناھىيەسىدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈنۈملۈك ۋە كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلى يەرلىكايا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كۈچى بىلەن تېررورچىلارغا ئېغىر زەربىلەرنى بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، 2023 -يىلى 1- ئىيۇندىن 2024-يىلى 29- فېۋرالغىچە ئېلىپ بېرىلغان 21 مىڭ 153 ھەرىكەت ئارقىلىق 782 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئەلى يەرلىكايا نۇتۇقىدا، «يېقىنقى 9 ئاي ئىچىدە 128 تېررورلۇق پائالىيىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق> دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر