فاخرەتتىن ئالتۇن نېتانياھۇنىڭ تۆھمەتخورلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇنىڭ يالغانلىرى، ئالدامچىلىقى، تۆھمەتلىرى ۋە كۈن تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

2113215
فاخرەتتىن ئالتۇن نېتانياھۇنىڭ تۆھمەتخورلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى  فاخرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىگۇناھ پۇقرالارغا قىلىنغان قىرغىنچىلىقنى يوشۇرالايدىغان ھېچقانداق يالغان، تەتۈر تەشۋىقات ۋە ئالدامچىلىقنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلەپ، «تارىخ ئۇنى (نېتانياھۇنى) <ھەم رايونىمىزنى، ھەم ئۆز دۆلىتىنى ھالاكەتكە سۆرىگەن بىر رەھبەر> سۈپىتىدە يازدى» دېدى.

فاخرەتتىن ئالتۇن يەنە مۇنداق دېدى:

«نېتانياھۇنىڭ ۋىجدانسىز ئۇرۇش كابىنېتى يەرشارى كۈچلىرىدىن مەيلى قانچىلىك ياردەم ئالسا ئالسۇن، بۇنىڭدىن قەتئىينەزەر، ئۇ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بولغان ئۈمىدنى يوقاتقان پۈتۈنلەي نەتىجىسىز بىر رەھبەر سۈپىتىدە تارىخقا يېزىلىدۇ. نېتانىياھۇ ۋە ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان مىللىي تازىلاش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن پەلەستىنلىكلەر نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى ۋە باشتىن كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇ سىياسەتلەرگە قارشى چىقىمىز. ئۇنىڭ يالغانلىرى، ئالدامچىلىقى، تۆھمەتلىرى ۋە كۈن تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنىشلىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، پەلەستىندە ھەق ۋە ھەقىقەتنى قوللايمىز شۇنداقلا مۇستەملىكىچىلىكنى يوقىتىشنى قاللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بىز <ئادىل ۋە ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى> دەپ ئىشىنىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز. پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر