ئەردوغان مەھمۇد ئابباس بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «غەرب كۈچلىرىنىڭ چەكسىز قوللىشى بىلەن نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ تەلۋە ھۆكۈمىتى پەلەستىن خەلقىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

2111559
ئەردوغان مەھمۇد ئابباس بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن چاقىرىلغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان مەھمۇد ئابباس ۋە ھەمراقلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيەدە كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى ھەر دائىم قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، پەلەستىننىڭ قەلبلەردە مۇستەسنا بىر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«كېڭىشىش جەريانىدا، پەلەستىننىڭ ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدۇق. پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز تارىخىدىكى ئەڭ قىيىن مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە ۋە راماللاھتا بىگۇناھ كىشىلەرگە قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، 32 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىك شېھىت بولدى، 72 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. 2 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. 2 مىليون 300 مىڭ پەلەستىنلىك كۈندىلىك ئەقەللىي ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئىسرائىلىيە غەززە خەلقىنى يالغۇز ئاچارچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئارقىلىقلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىگۇناھ كىشىلەرگە بومبا ياغدۇرۇش ئارقىلىقمۇ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرمەكتە. 151 كۈندىن بۇيان بۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەھشىيلىكلىرىدىن بىرىگە شاھىت بولماقتىمىز. غەرب كۈچلىرىنىڭمۇ چەكسىز قوللىشى بىلەن نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ تەلۋە ھۆكۈمىتى پەلەستىن خەلقىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ»

ئەردوغان پەلەستىندىن كەلگەن تەخمىنەن 1000 يارىدارنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى دوختۇرخانىلىرىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «نىتانىياھۇ ۋە ئۇنىڭ قاتىل شېرىكلىرى قانۇن شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋىجدان ئالدىدا تۆككەن ھەر بىر تامچە قان ئۈچۈن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېدى.

مەھمۇد ئابباس بولسا: «تۈركىيە پەلەستىن خەلقىگە قېرىنداشلىق ئاساسىدىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئادا قىلىۋاتىدۇ. بىز (تۈركىيەنىڭ) پەلەستىن دەۋاسىنى ئۈزلۈكسىز قوللىغانلىقىدىن مىننەتدارمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر