خاقان فىدان تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 2024-يىلى 7-مارتتىن 8-مارتقىچە ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
2111765
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز 2024-يىلى 7-مارتتىن 8-مارتقىچە تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. زىيارەت جەريانىدا تۈركىيە-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ دائىرىدە مىنىستىرىمىزنىڭ ئامېرىكىلىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشىشى ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەتلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە غەززەگە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلماقتا
تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئومۇمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى 52 مىڭ توننىدىن ئاشتى.