قالىن ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يۈرۈپ كەتتى.

2111121
قالىن ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن پايتەخت ۋاشىنگتوندا  ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى —  CIA باشلىقى ۋىليام بۇرنس بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسارايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلىشىدۇ.

ئىبراھىم قالىننىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، پ ك ك، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى)، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بار؛ بۇ دائىرىدە يەنە، ئىراق، سۈرىيە مەسىلىسى، بولۇپمۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. سۆھبەتلەر جەريانىدا، داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە كاۋكاز ۋەزىيىتىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر