ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدا  بىر تېررورچى مەسئۇلىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ياشلار ھەرىكىتى مەسئۇلى گۈلسۈن سىلگىرنى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۇجۇقتۇردى.

2110468
ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدا  بىر تېررورچى مەسئۇلىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك/ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ياشلار ھەرىكىتى مەسئۇلى گۈلسۈن سىلگىرنىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە يېزىسىغا قاراشلىق پەنجەۋىن رايونىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلىغان.

تېررورچى گۈلسۈن سىلگىر تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق ھەرىكىتى بىلەن شۇ يەردىلا ئۇجۇقتۇرۇلغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​ياشلارھەرىكىتىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى ۋە 2011-يىلدىن بۇيان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، ياشلارنى ئالداش ئارقىلىق تەشكىلاتقا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەنلىكى ئېنىقلانغان سىلگىرنىڭ 2021-يىلدىن بۇيان سۇلايمانىيە يېزىسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر