ياشار گۈلەر ئەنگلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە يېتىپ باردى ۋە ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى گرانت شاپپس، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئادمىرال داۋىد راداكىن بىلەن كۆرۈشتى.

2108310
ياشار گۈلەر ئەنگلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ياشار گۈلەرنىڭ ئەنگلىيەگە يېتىپ بارغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ زىيارەتكە ئالاقىدار باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىككى مىنىستىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ياشار گۈلەر ئەنگلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئادمىرال داۋىد راداكىن بىلەن كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشىتا، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر