فىدان مېكسىكادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مېكسىكادا ۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مېكسىكادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى جەريانىدا، مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىسيا بارسېنا ئىباررا بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مۇداپىئە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.
سۆھبەت جەريانىدا يەنە، كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تېمىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
كېيىن مېكسىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى كاستىللو بىلەن كۆرۈشكەن فىدان، تۈركىيەنىڭ مېكسىكادىكى ئەلچىخانىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.