نۇمان قۇرتۇلمۇش خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

2107447
نۇمان قۇرتۇلمۇش خوجالى قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «1992-يىلى 26 – فېۋرالدا خوجالىدا ئەرمەنلەر تەرىپىدىن كىچىك بالىلار، ياشانغانلار ۋە ئاياللار دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن خاتىرىلەيمەن. ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئازابىنى چىن قەلبىمدىن ئورتاقلىشىمەن. ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنايەتنىڭ قۇربانلىرىنى كۆرمەسكە سالغان تەقدىرمۇ، ئۇلار يەنىلا (قەلبىمىزدە) مەۋجۇت بولىدۇ. ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ھەمىشە خەيرىلىك تىلەكلىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر