ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ بارات قاندىلىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پۈتۈن خەلقنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بارات قاندىلىنى تەبرىكلىدى.

2106953
ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ بارات قاندىلىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «مىللىتىمىزنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ رامىزان شەرىپىنىڭ خەۋەرچىسى بولغان مۇبارەك بارات كېچىسىنى تەبرىكلەيمەن. رەببىم بىزلەرنى  خاتىرجەملىق ئىچىدە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە رامىزانغا ئېرىشتۇرسۇن. بولۇپمۇ غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمىز قاتارلىق قەلب جوغراپىيەمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاللاھ ياردەمچىسى بولسۇن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر