فىدان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى «ھەل قىلالمىغان» ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، بارلىق ب د ت سىستېمىلىرىنىڭ «ھۆرمىتىگە داغ چۈشۈرگەنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

2106311
فىدان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرازىلىيەنىڭ رىيو دې ژانېرو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ «يەر شارى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى» تېمىلىق بۆلۈمىدە سۆز قىلدى.

ئۇ كۆپ قۇتۇپلۇق يېڭى دۇنيا تەرتىپىدىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي جىددىيچىلىكنى يېڭىش ئۈچۈن كۈچلۈك كۆپ تەرەپلىك ئورگان ۋە ئۈنۈملۈك يەرشارىنى باشقۇرۇش مېخانىزملىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئېھتىياج ھېس قىلىنغان ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ غەززە قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى «ھەل قىلالمىغان» خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بارلىق ب د ت  سىستېمىلىرىنىڭ «ھۆرمىتىگە داغ چۈشۈرگەنلىكى» نى ئالاھىدە تەكىتلەپ، تېخىمۇ دېموكراتىك، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان ۋە خەلقئارا قانۇنغا تايانغان سىستېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭمۇ ھەقىقىي سىغدۇرۇشچان، قائىدە-پىرىنسىپقا تايىنىدىغان، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا ۋە سىجىل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تۈگىتىش ئۈچۈن خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات بانكىلىرىنىڭ چوقۇم تەرەققىي قىلىۋاتقان، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇڭا، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، G20 نىڭ مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر