ئەردوغان يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قانۇن، ئىجرائىيە ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، بەخت-سائادىتى ۋە تىنچلىقىنى كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2104995
ئەردوغان يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن سوتچى ۋە تەپتىشلەر چەك تارتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنغا موھتاج ئىكەنلىكىنى دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، پارلامېنتتا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەقەززا قىلىدىغان مەسىلىلەردە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش مۇمكىن بولمىسىمۇ،  مەۋجۇت ئاساسىي قانۇنغا ئەدلىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان شەكىلدە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، كۈچ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بىر ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ بىز كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە، «بىز قانۇن، ئىجرائىيە ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، بەخت-سائادىتى ۋە تىنچلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر