ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ  9-فېۋرال (ئەتە) دۇنياغا قونۇشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Axiom-3 (Ax-3) ئەترىتىنى ئېلىپ ماڭغان ئەجدىرھا كاپسۇلىنىڭ 9-فېۋرال (2024) ئامېرىكانىڭ فلورىدا دېڭىز ساھىلىغا قونۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

2099403
ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ  9-فېۋرال (ئەتە) دۇنياغا قونۇشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:«Axiom Space» نىڭ ئېكس (X( ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى يازما باياناتىغا ئاساسالانغاندا، «Ax-3» گۇرۇپپىسىنىڭ 47 سائەتلىك سەپەر قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ئەجدېرھا كاپسۇلى 9 - فېۋرالدا ئامېرىكانىڭ يەرلىك ۋاقتى 08.30 (ئەنقەرە ۋاقتى 16:30) دا، فلورىدانىڭ دەيتونا دېڭىز ساھىلىدا دېڭىزغا چۈشۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

«Axiom Space»قونۇش جەريانىنى نەق مەيداندىن كۆرسىتىش ئۈچۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:25 (15:25 CET) دە بىۋاسىتە تارقىتىش باشلايدۇ.

ئەجدېرھا ئالەم كېمىسى تۈنۈگۈن 17:20 دە خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) دىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر