فىدان تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2099419
فىدان تۈركىيە بىلەن لىۋىيەنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان لىۋىيەدە، مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ لىۋىيەنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە-لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «يىلتىزى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتىدە باش مىنىستىر دىبەيبە بىلەن كەڭ دائىرىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، مۇقىملىقىنى ۋە ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدىم. بولۇپمۇ بۇ جەرياندا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىلنىۋاتقان ۋە قىلىنىشى مۇمكىن بولغان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

ئۇ دىبەيبە بىلەن رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئافرىقانىڭ جەنۇبىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار، قىيىنچىلىقلار ۋە ئىچكى ئۇرۇشلار توغرىسىدا تۈركىيە-لىۋىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە نېمىلەرنى قىلالايمىز، بۇلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق. تېررورلۇققا، كۆچكە ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدىمۇ ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ لىۋىيەگە قايتىدىن ئايروپىلان سەپىرى باشلاش مەسىلىسىدىمۇ پىكىر بىردەكلىكىگە ئىگە بولغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى لىۋىيە زىيارىتىنىڭ خەۋپسىزلىكتىن ئىقتىسادقىچە، مائارىپتىن ۋىزا مەسىلىلىرىگىچە بولغان كەڭ تېمىلاردا ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر