مىنىستىر فىدان لىۋىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مالتادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، لىۋىيەگە يېتىپ باردى.
2099007
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىداننىڭ لىۋىيە پايتەختى ترابلۇستا لىۋىيەلىك ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، يېرىم كېچىدە تۈركىيەگە قايتىشى پىلانلانماقتا.