گەزەرئاۋجىنىڭ قايتىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپېر گەزەرئاۋجىمۇ ئولتۇرىدىغان ئەجدىھا ئالەم كېمىسى بىلەن Axiom-3 ئەترىتىنىڭ يەرشارىغا قايتىشى فلورىدا دېڭىز قىرغىقى ھاۋارايىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن 5-فېۋرالغا كېچىكتۈرۈلدى.

2097007
گەزەرئاۋجىنىڭ قايتىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SpaceX شىركىتى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، Axiom-3 ئەترىتىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن يەر شارىغا قاراپ يولغا چىقىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، فلورىدا دېڭىز قىرغىقىدىكى ھاۋارايى شارائىتى ئۇيغۇن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەجدىھا ئالەم كېمىسى ۋە Axiom-3  ئەترىتىنىڭ  5-فېۋرالدىن بۇرۇن خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن قوزغالمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئەترەتنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن قوزغىلىش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ھاۋارايىنى كۆزىتىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر