ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بولدى

ئامېرىكانىڭ «يەرشارى ئوت كۈچى تور بېكىتى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلىرى باھالاندى.

2095485
ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسى، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يەرشارى ئوت كۈچى تور بېكىتى» ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەلىرىنى تەتقىق قىلىپ باھالىدى. تەتقىقاتتا، دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىسى، ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى، مالىيە ئەھۋالى، ئەشيا ئوبوروتى، يۆتكىلىشچانلىقى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى قاتارلىق 60 نەچچە ئامىل باھالاندى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، «يەرشارى ئوت كۈچى 2024» نىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن تىزىملىكىدە، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى دۇنيا بويىچە 3 - ئورۇندا، ئوتتۇرا شەرقتە 1-  ئورۇندا تۇرغان.  ئوتتۇرا شەرقتىكى ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

1- تۈركىيە

2- ئىران

3- مىسىر

4- ئىسرائىلىيە

5- سەئۇدى ئەرەبىستان

6- ئىراق

7- ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

8- سۈرىيە

9- قاتار

10- كۇۋەيت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر