كىرىياكوس مىچوتاكىس: «تۈركىيە ناھايىتى مۇھىم مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتىغا ئىگە»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس: «تۈركىيە ناھايىتى مۇھىم مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتىغا ئىگە» دېدى.

2095553
كىرىياكوس مىچوتاكىس: «تۈركىيە ناھايىتى مۇھىم مۇداپىئە سانائىتى ئېكىسپورتىغا ئىگە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىچوتاكىس گىرېتسىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «SKAI FM» رادىيو قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپتىكى تېمىلار توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

ئۇ گىرېتسىيەنىڭ ئامېرىكادىن «F-35» تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋېلىش تەلىپىگە ۋاشىنگىتوننىڭ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ ئېھتىياجنىڭ سىرتىدىكى مۇداپىئە ماتېرىياللىرى (EDA) ىپروگراممىسى دائىرىسىدە، بەزى ھەربىي ماتېرىياللارنى گىرېتسىيەگە ھەقسىز بېرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ «تۈركىيە بىر قىسىم قوراللىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن ئەسكەرتىشىگە قارىتا: «تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم مۇداپىئە سانائىتى ئېكسپورتى بار، يەنە بىر تەرەپتە بىز بولساق، تېخىچە ئۆتمۈشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

 ئۇ تۈركىيە بىلەن دېكابىردا ئىمزالانغان «ئافېنا دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق خىتابنامىسى» نىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مايدا پايتەخت ئەنقەرەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر