خاقان فىدان ئالبانىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 28 – يانۋاردىن 31 - يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالبانىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

2094248
خاقان فىدان ئالبانىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىداننىڭ رەسمىي زىيارىتى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خاقان فىداننىڭ ئالبانىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، ئۇچرىشىشىلاردا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن باشقا يەنە، نۆۋەتتىكى رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارلىق ۋەزىيەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مىنىستىر فىداننىڭ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەلىك سودا - سانائەتچىلەر ۋە تۈركىيە جەمئىيىتى ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر