ئەردوغان: سوتنىڭ قارارى دۇنيانىڭ 5 تىن چوڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پەريادىمىزنىڭ نامايەندىسى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ تۈنۈگۈنكى قارارى دۇنيانىڭ 5 تىن چوڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پەريادىمىزنىڭ نامايەندىسى» دېدى.
2094158
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىزمىر ناھىيەلىرى شەھەر باشلىقلىرى نامزاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا: «خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ تۈنۈگۈنكى قارارى دۇنيانىڭ 5 تىن چوڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى پەريادىمىزنىڭ نامايەندىسى. بىز يەنە بىر قېتىم ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىپ، ھۇجۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.