ئىبراھىم رەئىسى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

2092966
ئىبراھىم رەئىسى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بەشتەپە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىبراھىم رەئىسىنىڭ باشچىلىقىدا 8-قېتىملىق تۈركىيە-ئىران ئالىي سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر