شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشى بۈگۈن (23-يانۋار) شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

2092233
شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشى شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشىغا سۇنىدۇ.

شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم، 16-نويابىر تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلغان بولۇپ، 26-دېكابىر تاشقى ئىشلار كومىتېتى قوبۇل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر