فاھرەتتىن ئالتۇن پەلەستىنلىك فوتوگراف مۇخبىرى موتاز ئازىزانى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن «ت ر ت دۇنيا پۇقراسى» مۇراسىمىدا پەلەستىنلىك فوتوگراف مۇخبىرى موتاز ئازىزانىڭ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلكىنى تەبرىكلىدى.

2091714
فاھرەتتىن ئالتۇن پەلەستىنلىك فوتوگراف مۇخبىرى موتاز ئازىزانى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موتاز ئازىزا تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ت ر ت دۇنيا پۇقراسى» مۇراسىمىدا ئۇچۇر - ئالاقە مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پەلەستىنلىك فوتوگراف مۇخبىرى ئۈچۈن تەبرىك خېتى ئېلان قىلدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئازىزانىڭ دۇنياغا يەتكۈزگەنلىكىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «ھۆرمەتلىك موتاز ئازىزا، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ غەززەدە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن خەۋەردار بولۇشىغا بولغان ساداقىتىڭىزدىن شۇنداقلا خىزمىتىڭىزگە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغانلىقىڭىزدىن مىننەتدارمىز» دېدى.  

فاھرەتتىن ئالتۇن غەززەدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن مۇخبىرلارنى ئەسلىتىپ: «ئەگەر غەززەدە ئىنسانىيەتنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن 119 مۇخبىر ۋە سىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىڭلار ھەمدە شۇنچە قىيىن شارائىتتا كۆرسەتكەن پەقۇلئاددە تىرىشچانلىقىڭلار بولمىغان بولسا ئىدى، دۇنيا نېمە ئىش بولغانلىقىدىن تېخىمۇ ئاز خەۋەردار بولغان بولاتتى. خەلق ئاممىسى ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەر يۈز بەرگەن بولاتتى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن موتاز ئازىزانى تەبرىكلەپ: «مەن خۇددىي سىزگە ئوخشاش ھەر بىر غەززەلىكنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە تىنچلىققا ئىگە بولۇشنى تىلەيمەن، مۇكاپاتلانغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى بىر قېرىنداش سۈپىتىدە تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر