ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ئالەمگە سەپەر قىلىدىغان «Ax-3» ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇشىنىڭ 19-يانۋار (2024) غا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2090098
ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم سەپىرى كېچىكتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاجىر ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەرلەپ، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم سەپىرىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ئالەمگە سەپەر قىىلدىغان كېمىنىڭ ئۇچۇشى 19-يانۋار ئەنقەرە ۋاقتى 00.49 غا كېچىكتۈرۈلدى. ئۇنىڭغىچە تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالپەر گەزەرئەۋجىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.»

سپېيس ئېكس (SpaceX) ئىجتمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا، خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا 17-يانۋار «Ax-3» بىلەن قىلىنىدىغان سەپەرنىڭ ئامېرىكا ۋاقتى 18-يانۋارغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنىئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر