تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئادەن قولتۇقىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئادەن قولتۇقى ۋە ۋە قوشنا رايونلاردىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2024-يىلى 10-فېۋرالدىن باشلاپ يەنە بىر يىل ئۇزارتىش توغرىسىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىجازەتنامىسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) دە قوبۇل قىلىندى.

2090144
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئادەن قولتۇقىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىجازەتنامىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2008-يىلى ئادەن قولتۇقى، سومالى دېڭىز تەۋەلىكى، ئەرەب دېڭىزى ۋە قوشنا رايونلاردىكى دېڭىز قاراقچىلىقى ۋە قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋەقەلىرىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

ئىجازەتنامىدە، بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسنىڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى قارار ماقۇللاپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونلاردا بىر يىل ۋەزىپە ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى، شۇنىڭدىن بۇيان ئىجازەتنامىنىڭ 14 قېتىم ئۇزارتىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر