ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن ئىستانبۇل دولماباھچە خىزمەت ئىشخانىسىدا بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى.

2088320
ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈنۈگۈن بىخەتەرلىك يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈنۈگۈنكى يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۇراك، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى ئىبراھىم كالىن، ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىسلىك تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتناشتى.

ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشتى.

باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادە تەكىتلەندى.

ئىراقنىڭ شىمالىدا 9 ئەسكىرىمىز شېھىت بولغان ۋە 4 ئەسكىرىمىز يارىلانغان  پەنچە قۇلۇپ ھەرىكىتى رايونىغا قىلىنغان خائىنلارچە ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتى نەتىجىسىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 57 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە: «تۈركىيە ھەر قانداق باھانە ۋە سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جەنۇب چېگراسىدا بىر تېرروىستان قۇرۇلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر