ئىراقنىڭ شىمالىدا 9 ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك تېررورچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 9 ئەسكەر شېھىت بولدى.

2088163
ئىراقنىڭ شىمالىدا 9 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك تېررورچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ھەربىي بازىسى تەۋەلىكىگە سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، 9 ئەسكەر شېھىت بولدى، 4 ئەسكەر يارىلاندى. يارىلانغان ئەسكەرلەر دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، يېرىم كېچىدە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، خاكۇرك، گارا، قاندىل رايونلىرى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىلدى.

زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان، ئىچىدە ئاتالمىش مەسئۇل دەرىجىلىك تېررورچىلارمۇ بار، دەپ قارىلىۋاتقان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە نېفىت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 نىشان بىتچىت قىلىندى؛ دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق 15 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر