غەززەلىك بىمارلار ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى
ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدىكى غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 85 يارىدار، بىمار ۋە ئۇلارنىڭ قارىغۇچىلىرى، ھەربىي ئايروپىلان بىلەن پايتەخت ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىندى.
2087727
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھراتتىن كوجا ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، 7-قېتىم غەززەلىك يارىدار، بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 106 قارىغۇچىسىنىڭ ئەنقەرەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ بىمارلارنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى خەلقىمىز نامىدا ئادا قىلىۋاتىمىز. سەھىيە خىزمىتى ۋەيران بولغان غەززە ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.