يىلماز: قىبرىسنى يالغۇزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى غەلىبە قىلالمايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دۇنيادىن ئايرىپ، يالغۇزلاشتۇرماقچى بولغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2087534
يىلماز: قىبرىسنى يالغۇزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرى غەلىبە قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشاغا بارغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز، ئەرجان ئايرودۇرۇمىدا بايانات بېرىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە باياشاتلىقىنى كۈنسېرى ئاشۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتى دائىرىسىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ۋە باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ بارلىق ساھەلىرى، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن يىلماز، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بەزىلەر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى دۇنيادىن ئايرىۋەتمەكچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئۇلار بىر ئىشىكنى تاقىسا، بىز باشقا ئىشىكلەرنى ئاچىمىز ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، قىبرىس تۈركلىرى دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشنى، ھەر ساھەدە دۇنياغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر