292 نەپەر غەززەلىك يارىدار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

292 نەپەر غەززەلىك يارىدار داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

2082593
292 نەپەر غەززەلىك يارىدار تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا بۇ يىل سەھىيە ساھەسىدە قىلىنغان خىزمەتلەر ۋە بېرىلگەن مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىننى ھەمبەھىرلىدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرىۋاتقان غەززەدىن ئېلىپ كېلىنگەن يارىلانغانلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگىمۇ  ئورۇن بېرىلگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، مىنىستىرلىقنىڭ 15 ئايروپىلان ۋە بىر پاراخوتتا لىق تىببىي ئەسلىھە ئەۋەتكەنلىكى ھەمدە 20 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى دۆلەتلىك تىببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى (UMKE) ئاپتوموبىلىنى غەززەگە يولىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سىندا جەمئىي 292 بىمار ۋە 241 ھەمراھى بولۇپ، جەمئىي 533 غەززەلىكنىڭ داۋالاش ئۈچۈن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، رايونغا يەنە تولۇق ئەسلىھەلىك كۆچمە دوختۇرخانا، گېنېراتور، ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە دورىلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر