ئالتۇن نېتانياھۇنىڭ ئەردوغان ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2081650
ئالتۇن نېتانياھۇنىڭ ئەردوغان ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، نېتانياھۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا گەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نېتانياھۇ پۇقرالارغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى، دۇنياغا <ئۆزىنى قوغداش> دەپ كۆرسىتىپ پەردازلاشقا ئۇستا بوپ كەتتى. دۇنيا توختاتمىسىمۇ، ئەمما تارىخ ئۇنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ سوتقا تارتىدۇ.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى توغرسىدىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا گەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ نېتانياھۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە قۇيرۇقچىلىرىغا قارشى 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. خۇددىي نېتانياھۇغا ئوخشاش پۇقرالارنى ئايال ۋە كىچىك بالا دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن قەتل قىلغان پ ك ك غا قارشى، كۈرت (كورد) خەلقىمىز ئۆزى كۈرەش قىلدى. ئەخلاق توغرىسىدا گەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى كىشى ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇدۇر. تېررورلۇققا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىشى توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نەرسە ئۆگىتەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ساھەدە تەجرىبىسى يوق. يېقىنقى 40 يىلدىن بېرى قىلغان ئىشى، پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاش بولدى. ئەمدى بولسا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىدىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنى ئۆيلىرىدە، دوختۇرخانىلاردا ۋە لاگېرلاردا ئۆلتۈرۈپ، بۇ ۋەزىيەتنى يېڭى سەۋىيەگە چىقاردى. نېتانياھۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇرۇش جىنايەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغانغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ھېچكىمنى ئالدىيالمايدۇ.»

ئۇ دۇنيانىڭ ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىندە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، نېتانياھۇنىڭ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سىياسىي نوپۇزىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئۈمىدسىزلىككە تولغان ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نېتانياھۇ دۇنياغا قانچىلىك يالغان سۆزلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشنى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىمىز. بىز تۈركىيەگە قارىتىلغان سىياسىي ھۇجۇملارغا ۋە تۆھمەتلەرگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىمىز ۋە ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر