يىلماز مەجلىس ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز قايسى دۆلەت قانچىلىك ياردەم قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەگە قارىتىلغان بارلىق تەھدىتلەرنى يوقىتالايدىغان ئىرادىسى ۋە كۈچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

2080740
يىلماز مەجلىس ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا 2024-يىللىق خامچوت توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئەڭ يېڭى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى ئۈستىدە توختىلىپ، تېررورلۇقنىڭ دېموكراتىيە، تەرەققىيات ۋە ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تېررورلۇق بار يەردە، ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەردىن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە خۇشاللىقىنى تىلغا ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .

ئۇ پ ك ك، دائېش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى يوقىتىش، ئىككىنچى قېتىم تەھدىت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسىغا تايىنىدىغانلىقىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئۆزىنى قوغداش دائىرىسىدە،  قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا، پەقەت تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىلا نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھېچكىمنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقلۇقىنى، ئەمما ھېچقانداق كۈچنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنى ئارقىلىق تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمىغانلىقىنى ۋە يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تېررورىستلار ئۈچۈن ھېچقانداق جاينىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، قەيەردە بىر تېررورچى بولسا، ئۇ يەرنىڭ نىشانغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورىستلارنىڭ كىمدىن ياردەم ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچەيگەن ھالدا توختىماي داۋام قىلىدىغانلىقىنى، كۈرەشنىڭ تېررورلۇققا ۋە تېررورىستلارغىلا قارشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر